شىنخۇا ئاگېنتلىقىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن بىر پارچە خەۋىرىدە نەقىل قىلىشىچە، خېنەندىن كۆچۈپ كېلىپ، 23 يىلدىن بېرى ئاقسۇدا ياشاۋاتقان ساۋ شيا ئىسىملىك بىر قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنى خوجايىنى، ھۇجۇمنىڭ قىزى ئوقۇيدىغان مەكتەپ يېنىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ئويلىسىلا قورقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ، ئۆزىنىڭ ئەندىشىسىنى ئىپادىلەپ " ئۇلار بەك بەك ۋەھشىي. نەچچە يىللاردىن بېرى بۇ خىلدىكى زوراۋانلىقلارغا كۆنۈپ قالدىم دەپ ئويلىغان ئىدىم. ئەمما ھازىر كوچىغا چىقسام ئۆلۈپ كېتەرمەنمۇ دەپ قورقۇدىغان بولۇپ قالدىم" دېگەن.
رادىئومىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندىمۇ، 19 - ئاۋغۇست بومبا ھۇجۇمىدىن كېيىن بىر قىسىم ياردەمچى ۋە چارلاش ساقچىلار ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە باشلىغان. بىر قىسىم ساقچىلار خىزمەت ئورۇنلىرىنى يۆتكەپ كېتىشكەن ئىدى.