بۇنىڭدىن قارىغاندا، دەسسىلىشتىن يارىلانغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ تېخىچە داۋالىنىۋاتقانلىقى، ئوقۇچىلارنىڭ يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرگىنىدەك دەرىجىدە يېنىك ئەمەسلىكى ئاشكارىلانماقتا.
مۇخبىرىمىز 2 ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئاقسۇ شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى جىنى زىيارەت قىلغان، لى جى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىدا چوڭ مەسىلە يوقلۇقىنى، كۆپ قىسمىنىڭ ياخشىلىنىپ دەرسنى باشلىغانلىقىنى، قالغان قىسمىنىڭمۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە دوختۇرخانىدىن چىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. خىتايدا ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ بولماسلىقى، دائىرىلەرنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكلىرىنى جەمئىيەتتىن يوشۇرۇشى، 5 -باشلانغۇچتىكى دەسسىلىش ھادىسىسىگە ئوخشاش ۋەقەلەردە، ئالدىنى ئېلىش ۋە زىيان-زەخمەتنى ئازايتىشقا توسالغۇ بولماقتا.
