خىتاي دائىرىلىرى ئاقسۇدا 100 دىن ئارتۇق كىشىنى سىياسىي ۋە دىنىي سەۋەبلەر بىلەن قولغا ئالغان

خىتاي دائىرىلىرى ئاقسۇدا كەڭ كۆلەملىك باستۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، 103 كىشىنى تۈرلۈك سىياسىي ۋە دىنىي سەۋەبلەر بىلەن قولغا ئالغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قولغا ئېلىنغان 103 كىشىدىن 19 كىشى «ئەكسىلئىنقىلابى» تەشۋىقات ۋەرەقىسى بېسىش ۋە تارقىتىش بىلەن ئەيىبلىنىپ، شاياردا قولغا ئېلىنغان. دىلشات رىشىت يەنە، قولغا ئېلىنغانلاردىن نۇرغۇن كىشىنىڭ دىنىي ئېتىقادىدا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ يول يورۇقىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلىنىپ، كىشىلەرنى «جىھاد» ھەرىكىتىگە قۇتراتتى، دېگەن بەتنام بىلەن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ۋەقە ئاقسۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ يېقىندا قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتكە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىپ، ئاقسۇغا سىرتتىن كەلگەن دىنىي زاتلارنى تەكشۈرۈش، خەلق ئارىسىدىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى چەكلەش، ئاقسۇدا ئۆي كىرالاپ ئولتۇرغان باشقا ئۇيغۇرلارنى تىزىملاش ھەرىكىتى قوزغىغاندىن كېيىن يۈز بەرگەن.

دىلشات رىشىت رادىئومىزغا ئەسكەرتىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغاش، مەمۇرى ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنى دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە قىستاۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر يەنە، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى مەنئى قىلىش توغرىسىدىكى قارارىغا خىلاپلىق قىلغان مۇسۇلمانلاردىن 2000 كىشىنى جازالاپ، 50 سومدىن 5 مىڭ سومغىچە جەرىمانە قويغان.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىدە قوزغىغان قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتكە زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. ئۇلار پرېزىدېنت ئوباماغا خەت يېزىپ، ئۇنىڭ 14‏-فېۋرال خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە خىتاينىڭ دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.