دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى بۇنىڭ، خىتاي دائىرىلىرى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇرلارنى تەقىب قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەر بىر كىشىنىڭ شەخسى پائالىيىتىنى نازارەتكە ئالغانلىقىنىڭ تىپىك ئۆرنىكى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ جۈمە كۈنى ئاۋاتتىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، بۇ «قۇلاقلار» ئاۋات ناھىيىسىدىكى ئاممىۋى مەيدان، سودا سارىيى قاتارلىق ئادەملەر توپلىنىدىغان سورۇن، يېزا ئىگىلىك دورىلىرى، بەش خىل مېتال، تۆمۈر ئەسۋاپلىرىنى ساتىدىغان ماگازىن قاتارلىق نۇقتىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت يەنە، مۇھىت قوغداش، داۋالاش خادىملىرىنىڭ ئىچىدە بۇ خىل «قۇلاقلار» نىڭ بارلىقىنى، ئۇلارنىڭ يەنە تاكسى شوپۇرى ۋە تېلېفون بوتكىلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ھۆكۈمەت بۇ 13 مىڭ «قۇلاق» نى 1100 كىشىلىك «ئالاقىچى» ئارقىلىق كونترول قىلىدىكەن. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ مەخپىي پارول ئىسمى بار بولۇپ، دائىرىلەر ئۇلار ئۈچۈن مەخسۇس ئارخىپ تۇرغۇزغان ۋە مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلغان.
دىلشات رىشىىت رەسمىي ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە بۇ كىشىلەرنى«ئۇچۇرچى»، «ئالاقىچى» دېگەن ناملار بىلەن ئاتىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتى كىشىلىك ھوقۇق ئۇنىۋېرسال ئۆلچەملىرىگە تامامەن خىلاپ ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ شەخسى تۇرمۇشى ۋە كىشىلىك مەخپىيەتلىكى ئېغىر تەھدىتكە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.