خەلقئارا يەر تەۋرەشنى ئۆلچەش مەركىزى تارقاتقان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرغا قارىغان، يەر تەۋرەش 5- ئاينىڭ 19-كۈنى كەچقۇرۇن سائەت 4:06 مىنۇت ئۆتكەندە ئاقسۇ شەھىرىنىڭ غەربىگە 26 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا يۈز بەرگەن.
خىتاي ئاخباراتلىرىدا بۇ ھەقتە باشقا تەپسىلىي خەۋەرلەر بېرىلمىگەن.
ئاقسۇ ۋىلايىتىمۇ ئۇيغۇرلار بىر قەدەر كوپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، يەرلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرى ياسىغان خام كېسەكلىك ئۆيلەردە ئولتۇرىدۇ.
بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ خىلدىكى ئۆيلەرنىڭ يەر تەۋرەشكە چىدامچانلىقى ئىنتايىن تۆۋەن بولۇپ، تۆۋەن دەرىجىدىكى يەر تەۋرەشلەردىمۇ ئاسان زەخىمىگە ئۇچرايدىكەن.
جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە يەر تەۋرەش بىر قەدەر كۆپ كۆرۈلىدۇ. 2011- يىلى 1- ئايدا ئۇلۇغچات ناھىيىدە يەر تەۋرىگەن ۋە دېھقان-چارۋىچىلارغا ياردەم ئەسلىھەلىرى ۋاقتىدا بارماي، چارۋىچىلار سوغۇقتا قالغان ئەھۋاللار كۆرۈنگەن ئىدى.