ئاقسۇدا 3 نەپەر ئەنگلىيە پۇقراسىغا 20 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلدى

جەنۇبى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم رايونلىرىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان 3 نەپەر ئەنگلىيە پۇقراسى جازاغا تارتىلغان بولۇپ، شىنجاڭ گېزىتىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇلارغا "قانۇنسىز خەرىتە سىزىش بىلەن شۇغۇللانغان" دەپ ئەيىبلىنىپ، 20 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويۇلغان.

خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر شەخسلەر لوندون ئىمپېرىيە ئىنستىتۇتى گېئولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسور ۋە ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ، ئۇلار ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كەلپىن، كونىشەھەر، ئاۋات قاتارلىق بەش ناھىيىسىدە جۇغراپىيىلىك ئۇچۇر توپلاش بىلەن شۇغۇللانغان ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 2008 - يىلى سېنتەبىردە ئاقسۇ ۋىلايەتلىك بىخەتەرلىك تارماقلىرى ۋە يەر باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرلىكتە، ئەنگلىيىلىك بۇ مۇتەخەسسىسلەرگە قارىتا دېلو تۇرغۇزغان ھەمدە شۇ يىلى ئۆكتەبىردە ئۇلارنىڭ تەكشۈرۈپ - تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ توختاتقان.

گەرچە ئۇلاردا خىتاي دۆلەتلىك يەر تەۋرەش ئىدارىسىنىڭ تەكلىپنامىسى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللار بار بولسىمۇ، ئەمما خەۋەرگە قارىغاندا، ئۇلارغا جەرىمانە قويۇلغاندىن سىرت يەنە، ئۇلار ئېلىپ كىرگەن يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش ئەسۋابى، فوتو ئاپپارات، كومپيۇتېر قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنىڭ ھەممىسى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنغان.