ئاقسۇدا يەرلىك دائىرىلەر ھۆججەت چۈشۈرۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىغا ئەرز ‏- شىكايەت قىلىشىنى توسىماقتا

ئاقسۇ ۋىلايىتىدە يەرلىك دائىرىلەر ھۆججەت چۈشۈرۈپ، ھەر قايسى ناھىيىلىك ج خ ئورگانلىرىدىن قاتتىق ۋاستىلارنى قوللىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىغا ئەرز - شىكايەت قىلىپ بېرىشىنى توساشنى تەلەپ قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.05.01

مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئۇيغۇر ئەرز - شىكايەتچىلەردىن 3 كىشىنىڭ ج خ دائىرىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ يېقىندا ھەر قايسى ناھىيىلەرگە چۈشۈرگەن 172 ‏ - نومۇرلۇق ھۆججىتىدە ئەرز - شىكايەتچىلەر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى بۇزغۇچىلار، دەپ ئەيىبلەنگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ يۇقىرىغا ئەرز قىلىپ بېرىشىنى توساشتا قاتتىق ۋاستىلارنى قوللىنىش تەلەپ قىلىنغان.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئاپتونوم رايون ۋە بېيجىڭغا داۋا قىلىپ بارىدىغان ئۇيغۇر ئەرز - شىكايەتچىلەرنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە ئىدى.

ئاقسۇ كەلپىن ناھىيىسىنىڭ گەزلىك يېزىسىدىكى جېلىل راھمان، يورچى يېزىسىدىكى قارى ئەھمەت، كەلپىن بازىرىدىكى ئابلىمىت يۇنۇس قاتارلىق 62 نەپەر كان ئىشچىسىنىڭ تۇرمۇش پۇلى تەلەپ قىلىش داۋاسى، يورچى يېزىسىدىكى مەمتىمىن سالى، ئىلياس روزى قاتارلىقلارنىڭ ئاقچى ناھىيىسىدىكى چارۋىچىلار بىلەن بولغان جىدەلدە زىياننى تۆلىتىۋېلىش داۋاسى، ساۋۇت سايىت، مۇھەممەت قۇربان قاتارلىق 11 كىشىنىڭ سەندۇڭلۇقلار قۇرغان ماي زاۋۇتىدىن تۇرمۇش پۇلى تەلەپ قىلىش ئەرزى، بۇ تۈردىكى داۋا - شىكايەتلەرنىڭ بىر قىسىمى ئىدى. لېكىن دائىرىلەر يۇقىرىقى كىشىلەرنىڭ ئەرزىنى كۆرۈپ چىقىشنى رەت قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.