خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر كىشىلەر ئاقسۇدىكى پارتلاش ۋەقەسىنى ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىكى دوست - بۇرادەرلىرىگە ئۇچۇر قىلغاندا، ۋەقەنى كۆپتۈرۈپ جەمئىيەتتە ئېغىر ۋەھىمە پەيدا قىلغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئاقسۇدىكى پارتلىتىش ۋەقەسى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە كۆپ توختالمىغان ھەم دۆلەت ئىگىلىكىدىن باشقا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ مەزكۇر خەۋەرنى تارقىتىشىنى چەكلىگەن. بولۇپمۇ، ئىگەرچىدىكى پارتلىتىش ۋەقەسىدىن 3 كۈن بۇرۇن يۈز بەرگەن كۆكياردىكى ئېتىشىش ۋەقەسىنى ھازىرغىچە ئاخباراتتىن يوشۇرۇپ كەلمەكتە.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، جازالانغان ئىككى كىشى سانجى ئوبلاستىدىن بولۇپ، بۇ يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدا خىتايلاردىن شۇ تۈر جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن تۇنجى كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ. ئەھۋالدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ قوراللىق شەكىلدىكى قارشىلىقلىرىنى كۆپ تەشۋىق قىلىشنى دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيانلىق دەپ قاراۋاتقانلىقى بايقالماقتا.