پارتلىغان تۇڭنىڭ ئايلانمىسى 3 - 4 مېتىر چوڭلۇقتا بولۇپ، تۇڭغا كىسلاتا قاچىلانغان ئىكەن. پارتلاشتا كىسلاتا تەرەپ - تەرەپكە چېچىلىپ شىددەتلىك كويۇش ھادىسىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
ئۇيغۇر ئېلىدە تۇيۇقسىز ئوت كېتىش، پارتلاش قاتارلىق ۋەقەلەر سەزگۈر تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنى "ئۈچ خىل كۈچلەر"گە باغلاپ كەلمەكتە ئىدى.
ھالبۇكى، ھازىرچە ئاقسۇ شەھىرىدە يۈز بەرگەن پارتىلاشنىڭ سەۋەبلىرى ئېنىق ئەمەس. مەلۇم بولۇشىچە خىتاي يەرلىك دائىرىلىرى مەزكۇر پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللار ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارماقتا ئىكەن.