بىر باشلانغۇچ مەكتەپتە يۈز بەرگەن بۇ خىل ئېچىنىشلىق ۋەقەگە نىسبەتەن خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق چوڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىمۇ ئورۇن ئاجرىتىپ، ۋەقەنىڭ ھېچقانداق ئىجتىمائىي- سىياسىي ۋە ياكى مىللىي ئارقا كۆرۈنۈشى يوقلىقىنى، بۇنىڭ پەقەت ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەنەپپۇس ۋاقتىدا قىستىلىشىپ، پەلەمپەيدىن چۈشكىچە بولغان ئارىلىقتا كېلىپ چىققان ۋەقە ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكە تىرىشتى. ھەتتا ئاپتونوم رايونىنىڭ بىر مۇئاۋىن رەئىسى مەخسۇس ئاقسۇغا كېلىپ ئەھۋالنى كۆزدىن كەچۈردى .
تەڭرى تاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 2-دېكابىر كۈنى يۇقىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئاقسۇ شەھىرىگە تەۋە 94 باشلانغۇچ، يەسلى ۋە ئوتتۇرا مەكتەپتە ئومۇمىي يۈزلۈك بىخەتەرلىك ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىپ، ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئە كۆرۈشنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرى ئېلىنغان.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇ شەھىرىدىكى مەكتەپلەردە ئېلىپ بېرىلغان مەزكۇر بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىنىڭ ئاساسلىق نۇقتىسى ئوت ئاپىتىدىن مۇداپىئە كۆرۈشكە قارىتىلغان. بۇنىڭدا سىنىپ، ئاشخانا، ياتاقلاردىكى ئوت ۋە توك ئىشلىتىش ئەسلىھەلىرىگە بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىپ، ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش بەلگىلەنگەن ھەمدە جاۋابكارلىق تۈزۈمى كۈچەيتىلگەن.
رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كىشىلەر بۇ قېتىمقى ئاقسۇ 5- باشلانغۇچ مەكتىپىدە يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىدا بىنانىڭ سۈپەت ئۆلچىمى ۋە مەكتەپنىڭ ئاممىۋى ھاجەتخانا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەرت-شارائىتلىرىنىڭ ئەقەللىي ئۆلچەملەرگە توشمىغانلىقىمۇ مۇھىم سەۋەب ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئىنكاسلاردا يەنە ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەر قايسى رايونلار، بولۇپمۇ يېزا-قىشلاق، چەت جايلاردىكى ئۇيغۇر مەكتەپلىرىنىڭ شەرت-شارائىتلىرىنىڭ ناچارلىقى، بىخەتەرلىك ئۆلچەملىرىگە توشمايدىغان كۆپلىگەن ئەھۋاللارنىڭ بارلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.