ئامېرىكا ياپونىيە -خىتاينى ئاراللار مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياپونىيە-خىتاي ھەر ئىككى تەرەپكە چاقىرىق قىلىپ، سېنكاكۇ ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىردى.

ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ياپونىيە-خىتاي ئارىسىدا پەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقە، ئاراللار مەسىلىسىنى سۆھبەت ئارقىلىق ھەل قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى نامايان قىلغان.

پەيشەنبە كۈنى، ياپونىيە دېڭىز چارلاش ئەترىتى خىتاي دېڭىز ئوكيان ئىدارىسىگە قاراشلىق بىر چارلاش ئايروپىلانىنىڭ سېنكاكۇ ھاۋا بوشلۇقىغا كىرگەنلىكىنى بايقىغان. ياپونىيە دەرھال سەككىز دانە ف-15 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە بىر دانە ئە2چ بەلگىلىك سىگنال ئايروپىلانى چىقىرىپ، خىتاي چارلاش ئايروپىلانىنى توسقان. ياپونىيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى خىتايغا نارازىلىقى بىلدۈرگەن.

بىراق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، سېنكاكۇ ئارىلى (دياۋيۈ) جۇڭگو زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خىتاي ئايروپىلانىنىڭ ئارالدا ئۇچۇشى «پۈتۈنلەي نورمال» دېگەن ئىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ۋېكتورىيە نۇلاند، پەيشەنبە كۈنلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە توختىلىپ: ئۆتكەن 24 سائەت ئىچىدە يۈز بەرگەن ھادىسە، ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ ئۆز ئارا سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، بۇ خىل ۋەقەنىڭ داۋاملىق يۈز بېرىشىدىن ساقلىنىشى زۆرۈرلۈكىنى كۆرسەتتى، دەپ تەكىتلىگەن.