كىتاب، گېرمانىيىدىكى لەمبېرت ئاكادېمىك نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر كىتابقا دوكتور دولقۇن قەمبىرىنىڭ تەكلىماكاندا ئولتۇراقلاشقان خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتى ۋە بۇ ھەقتە تېپىلغان قەدىمىي يادىكارلىقلار، قول يازمىلارنى تەتقىق قىلىش، رەتلەش، تەھلىل قىلىش، ئىزاھ بېرىش ۋە تەرجىمە قىلىش ئاساسىدا يېزىپ چىققان «تەكلىماكان مەدەنىيىتىنىڭ بايقىلىشى»، «ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇر يازما يادىكارلىقى مائىترىسىمىت ھەققىدە» ۋە «قىسقىچە ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى» قاتارلىق 7 پارچە ئىلمىي ماقالىسى كىرگۈزۈلگەن.
كىتابنى نەشر قىلغۇچىنىڭ سۆزىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ كىتاب ئۇيغۇرلارنىڭ ئارخېئولوگىيىلىك مەدەنىيىتى ۋە تارىخى ئارقا كۆرۈنۈشنى كۆزدىن كەچۈرۈپ تەكشۈرۈش، ئۇيغۇر تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك مەدەنىيەت ئىزلىرىنى چۈشەندۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپلا قالماي، بەلكى قەدىمكى ۋە ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى تەتقىقاتىدىمۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش رولىنى ئوينايدىكەن.
280 بەتتىن تەركىب تاپقان بۇ كىتابنىڭ قوشۇمچە ماۋزۇسى «تەكلىماكانلىقلار مەدەنىيىتىنىڭ قېزىلما مەلۇماتلىرى» بولۇپ، در. دولقۇن قەمبىرى كىتابنىڭ كىرىش سۆزىدە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ دۇنيا مەدەنىيەت تارىخىدا تۇتقان ئورنىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداپ قېلىشنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.
بۇ كىتاب ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق ئۈچ دۆلەتتە بىرلا ۋاقىتتا بازارغا سېلىنغان.