بېشىر ئاساس ھۇلا قىرغىنچىلىقىدا ھۆكۈمەتنىڭ قولى بارلىقىنى ئىنكار قىلدى

سۈرىيە پرېزىدېنتى بېشىر ئاساد يەكشەنبە كۈنى سۈرىيە پارلامېنتىدا نۇتۇق سۆزلەپ، سۈرىيە ھۆكۈمەت قوشۇنلىرىنىڭ 25 - 26 - كۈنلىرى ھۇلا رايونىدا قىرغىنچىلىق قىلىپ، 100 دىن ئارتۇق ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى.


بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئاساد بۇ قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ھەتتا رەزىل شەيتانمۇ قىلمايدىغان ۋەھشىيانە جىنايى قىلمىش دەپ كۆرسەتكەندىن تاشقىرى يەنە «تېررورچىلار چەتئەل كۈچلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ئەمىنسىزلىك پەيدا قىلماقتا» دەپ ئەيىبلىدى.

ئاساد سۆزىدە يەنە كرىزىسنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىر يولىنىڭ سۆھبەت ئىكەنلىكى، ئەمما ئۆزىنىڭ خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغان كىشىلەر بىلەن سۆھبەت قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

25 - 26 - ماي كۈنى كېچىدە ھۇلا رايونىدىكى ئاھالىلار، ھەتتا كىچىك بالىلار قىرغىنچىلىققا ئۇچراپ 100دىن ئارتۇق ئادەم ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى چاناپ ۋە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى. بۇ ۋەقە دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى. ئۆكتىچىلەر ئاسادنى بۇ قىرغىنچىلىق بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى.

ئاسادنىڭ باياناتىدىن كېيىن، تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان ئاسادنى تەنقىد قىلدى. ھۇلا قىرغىنچىلىقى مەسىلىسى بىلەن سۈرىيىنى قوللاۋاتقان رۇسىيە ۋە خىتايمۇ يەنە بىر قېتىملىق خەلقئارالىق تەنقىد ئاستىغا ئېلىندى.