بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۈگۈن چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھەر خىل تەبىئىي ئاپەتلەر كۆپىيىپ، بۇغداي، قوناق ھەم باشقا دانلىق زىرائەتلەرنى ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى 11% ئەتراپىدا ئاشقانلىقى ئۈچۈن، 2011-يىلى ئاشلىق باھاسىدا تەخمىنەن 20% ئۆرلەش ئەھۋالى كۆرۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.
ئىتالىيىنىڭ رىم شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاشلىق-دېھقانچىلىق كومىتېتى بۇلتۇر 11-ئاي مەزگىلىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، ئەگەر ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى چىڭ تۇتمىغاندا 2011-يىلى دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئاشلىق يېتىشمەسلىك قىيىنچىلىقى يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.