ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ فىلىپىن پايتەختى مانىلادىكى باش قارارگاھى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتتا قەرز سوممىسىنىڭ 100 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تاش يولنى كېڭەيتىپ ياساش، قاتناش سىگنالى ۋە قاتناش بىخەتەرلىك سېستىمىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاممىۋى ھاجەتخانا ۋە باشقا ئاممىۋى ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسىنىڭ مەزكۇر قەرز سوممىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر رەستىلىرىنى چېقىپ، شەھەر مەركىزىدىكى ئۇيغۇر ئاھالىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش پىلانىنى يولغا قويۇۋاتقان مەزگىلىدە ئېلان قىلىندى. ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى بەرگەن قەرزنىڭ قەشقەر قەدىمى شەھەر رەستىلىرىنى چېقىش پىلانى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. لېكىن خىتاينىڭ قەشقەر قەدىمى شەھەر رەستىلىرىنى چېقىش پىلانى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ، خەلقئارادا زور غۇلغۇلا قوزغىغان مەسىلە بولۇپ قالغان ئىدى.
ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى بۇ ھەقتىكى باياناتىدا يەنە 100 مىليون دوللار قەرزنىڭ ئۇيغۇر ئىلىنىڭ شەھەر ئاساسى ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇش تەرەققىياتىغا بېرىدىغان ياردەم پروگراممىلىرىنىڭ بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئاسىيا تەرەققىيات بانكىسى يېقىندا، ھىندىستاننىڭ خىتاي بىلەن ھىندىستان ئارىسىدا تالاش - تارتىشتىكى ئارىناچال پارادىش شتاتىنىڭ تاش يول قۇرۇلۇشىغا قەرز بەرگەن بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى.