روبېرت گېيتىس: ئامېرىكا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايوندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقنى كۈچەيتىدۇ

ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتىس شەنبە كۈنى ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىنى ۋە دېڭىز قاتنىشىنى قوغدايدىغانلىقىنى ھەمدە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايوندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

روبېرت گېيتىس بۇ سۆزلەرنى سىنگاپوردا چاقىرىلغان خەۋپسىزلىك مۇھاكىمە يىغىندا ئوتتۇرىغا قويدى.

روبېرت گېيتىس ئامېرىكىنىڭ ئاۋسترالىيە دائىرىلىرى بىلەن ھىندى ئوكياندىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقى ھەمدە سىنگاپورغا يېڭى تىپتىكى ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئاخىرىدا: يولدا قاتناش قائىدىسى ۋە بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان پىكىر بىرلىكى بولمىسا، بۇ يەردە چوقۇم توقۇنۇش كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ھېچكىمنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس، دېدى.

ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل مەيدانى ۋيېتنام ۋە فىلىپپىن دائىرىلىرى دېڭىز تەۋەلىكى مەسىلىسىدە خىتاينىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى.