پانېتتا يۇقىرىقى سۆزلەرنى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان شاڭگرى - لا دىئالوگىدا ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بۇ پىلاننىڭ بىر نەچچە يىلدا تاماملىنىدىغانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىدىكى يېقىنقى ئۆزگۈرۈشنىڭ مەزكۇر پىلاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا دەخلى قىلمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: شۇنى ئېنىق بىلىۋېلىشىڭلار كېرەككى، مۇقىم، مەقسەتلىك ۋە ئىزچىل يول بىلەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ھەربىي ئىستراتېگىيىسىنى قايتا تەڭشەۋاتىدۇ ۋە بۇ مۇھىم رايونغا ھەربي ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش تەرەققىياتى ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ.
پانېتتا يەنە مەزكۇر رايونغا يۆتكىلىدىغان پاراخوت سانىدىن كۆرە، بۇ رايونغا تېخىمۇ ئىلغار سۇ ئاستى پاراخوتى، تېخىمۇ رېئاكتىپ كۈرەشچى ئايروپىلان، ئېلېكترونلۇق ئۇرۇش ۋە ئالاقە سىستېمىلىرىنى يۆتكەيدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.
پانېتتانىڭ مەزكۇر باياناتىدىن كېيىن خىتاينىڭ شىنخۇا ئاخباراتى باش ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ «سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتۇش» قا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ مەزكۇر رايونغا پۇت تىقماقچى بولۇشى ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
باراك ئوباما ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا ھەربىي كۈچىنىڭ ئاساسلىق قىسىمنى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىغا قارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن بۇ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق بىئارام قىلغان ئىدى.