رۇسىيىنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، يىغىنغا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ساھىبخانلىق قىلىپ، نۇتۇق سۆزلىدى شۇنىڭدەك يىغىن جەريانىدا ۋلادىمىر پۇتىن بىر قىسىم دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشۈپ، سۆھبەت ئۆتكۈزدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى خلارى كلىنتون، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار بار.
بۇ قېتىمقى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يىغىنىغا ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبام دېموكراتلارنىڭ قۇرۇلتىيى ۋە سايلام تۈپەيلىدىن قاتنىشالماي، ئۇنىڭ ئورنىغا خىلارى كلىنتون خانىم قاتناشتى.
يىغىن جەريانىدا ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە ھەمكارلىق مەسىلىلىرى جۈملىدىن رايوننىڭ سىياسىي مەسىلىلىرىمۇ مۇھاكىمە قىلىنغا بولۇپ، خىلارى كلىنتون بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروف ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ ئانتارىكتىكا بويىچە ئىلمىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مېمورامدۇمىنى ئىمزالىدى. خىلارى كلىنتون پۇتىن ۋە لاۋروف بىلەن كۆرۈشكەندە رۇسىيىنى سۈرىيە مەسىلىسىدە بدت ۋە ئامېرىكا بىلەن ھەمكارلىشىشقا چاقىردى.
رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن يىغىندا قىلغان سۆزىدە بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ نېمە ئۈچۈن ۋلادىۋوستوككقا ئورۇنلاشتۇرۇلگاھنلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، رۇسىيىنىڭ يىراق شەرق رايونىنى تەرەققى قىلدۇرۇش، ئاسىيا قىسىمى بىلەن ياۋروپا قىسمىنى تۇتاشتۇرىدىغان قاتناش ئالاقە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ھەمدە رۇسىيىنىڭ ئاسىيا ئەللىرىگە بولغان ئېسكپورتىنى كۆپەيتىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. يىغىندا رۇسىيە بىلەن ياپونىيە، رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا بىر قاتار كېلىشىملەر ئىمزالاندى.