ۋېنگرىيىدە 5-قېتىملىق «خىتاي ۋە ئاسىيادا دېموكراتىيىنى قوللاش» ناملىق خەلقئارالىق يىغىن ئېچىلدى

خىتاي ۋە ئاسىيادا دېموكراتىيىنى قوللاش ناملىق خەلقئارالىق يىغىننىڭ 5-قېتىملىقى 8-ئۆكتەبىر ۋېنگرىيىدە ئېچىلدى.

يىغىنغا ھەرقايسى ئەللەردە ياشاۋاتقان خىتاي دېموكراتچىلىرى، خىتاينىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم مۇستەقىل تەتقىقاتچى ۋە پائالىيەتچىلەر، بۇنىڭدىن باشقا ئاسىيا ۋە خىتاينىڭ دېموكراتىيىلىشىشىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ياۋروپادىكى ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى قاتناشتى. يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىدىنمۇ 3 نەپەر ۋەكىل قاتناشتى.

ئۇيغۇر ۋەكىللەردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا سۆز قىلدى. دولقۇن ئەيسا سۆزىدە، نۆۋەتتىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن، خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ھازىردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقى ھەققىدە ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرۈشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئەسكەرتتى.

مەزكۇر يىغىننىڭ ئۆتكەن قېتىمقىلىرى ھىندونېزىيە ۋە كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئېچىلغان بولۇپ، يىغىن بۈگۈن ۋە ئەتە ئىككى كۈن داۋام قىلىدۇ.