ئاشتون كارتېر چارشەنبە كۈنى خىتايدىن كېلىدىغان ھەربىي تەھدىتلەر ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان مۇھاكىمە يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى -پەنتاگوننىڭ ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا ماس كېلىدىغان يېڭى ھەربىي قوراللارغا مەبلەغ سېلىشقا ۋە ھەتتا بىر قىسىم ھەربىي سىستېمىلارنى ئەۋەتىشكە باشلىغانلىقىنى ئېيتقان.
بۇ ھەربىي قوراللار، يېڭى دېڭىز ئاستى پاراخوتلىرى، ھەربىي تىك ئۇچارلار ۋە ف-35 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىدا، خىتاينىڭ 2004-يىلىدىن بۇيانقى ھەربىي تەرەققىياتى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقىلغان بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى بۇندىن كېيىنمۇ ئوخشاش سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلغان تەقدىردە، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن ئوخشاش بىر سائەت ئىچىدە ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىگە يەتكۈزىدىغان سەۋىيىگە ئۇلىشىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تىنچ ئوكياندىكى خىتاي تەھدىتىگە قارشى، رايوندا ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ بۇنىڭغا كېتىدىغان مالىيىنى قانداق ھەل قىلىدىغانلىقى تالاش-تارتىش ياراتقان. ئاشتون كارتېر سۆزىدە، ئامېرىكا قوشۇنلىرى ئىراق ۋە ئافغانىستاندىن چېكىنىپ چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ھەربىي چىقىمىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا يەتكۈدەك دەرىجىدە ئازىيىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، 2020-يىلىغىچە ئامېرىكا ھەربىي كۈچىنىڭ 60 پىرسەنتىنى بۇ رايونغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ، دېگەن.