ئەنۋەر توختى ئەپەندى ئۆز بايانىدا يەنە، بۇ يىل 2-ئاي مەزگىلىدە بريوسسېل شەھىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان ئاتوم سىناقلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ھەققىدە ئېچىلغان سۆھبەت يىغىنى ھەققىدە توختىلىپ، يىغىندا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلگىرى شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارغان ئاتوم سىناقلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان يەرلىك ئۇيغۇرلار، قازاقلار ھەم خىتاي پۇقرالىرىغا تۆلەم بېرىش تەلەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەنۋەر توختى ئەپەندى ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۆمۈر يول دوختۇرخانىسىدا راك كېسەللىكلىرى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغان بولۇپ، ئۇ ئەنگلىيىگە چىققاندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى راك كېسەللىكلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە رايوندا ئېلىپ بېرىلغان ئاتوم بومبىسى سىناقلىرىنىڭ بىۋاسىتە تەسىر قىلغانلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن ئىلمىي ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، مەخسۇس فىلىم ئىشلەشكە بىۋاسىتە قاتنىشىپ، خەلقئارادا ئېچىلغان ئاتوم رادىئاتسىيىسى ئىلمىي تەتقىقات يىغىنلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بارغان ئاتوم سىناقلىرىنىڭ رايونغا ئېلىپ كەلگەن زىيانلىرى ھەققىدە كۆپ قېتىم دوكلات بەرگەن ئىدى.
