مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا ئالاقىدار تارماقلار مەزكۇر مەكتەپتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، توردا ئاشكارىلانغان مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىگەن.
ئەسلىدىكى ماقالىدە ئاشكارىلىنىشىچە، مەزكۇر مەكتەپتە زامانىۋى ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى كەمچىل بولۇش بىلەن بىرلىكتە، مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىدىمۇ يېقىنقى يىللاردىن بېرى ھېچقانداق تولۇقلاش ئېلىپ بېرىلمىغان.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەرلەرگە بۇرۇت، ئاياللارغا باش ياغلىقى چەكلىمىسىنى قويۇش قاتارلىق تۈزۈم ۋە قائىدىلەر مەكتەپنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن.
ماقالىدە يەنە، ئۇيغۇر پەننىي مائارىپىنىڭ بۆشۈكى بولغان ئاتۇشتا، بىر ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ بۇ ھالغا چۈشۈپ قېلىشنىڭ ھەقىقىي سەۋەبلىرى ئۈستىدە ئويلىنىشقا چاقىرىلغان ئىدى.
ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، دائىرىلەرنىڭ بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشىدىن قانداق خۇلاسە چىقىرىلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان. ئەمما، دائىرىلەرنىڭ تەكشۈرۈش ئۈچۈن نەق مەيدانغا بېرىشى ئىجابىي بىر قەدەم سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇلغان.
ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ ساھىبى ئىلھام توختى ئەپەندى، رايوندىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالغاندا، ھاكىمىيەتنى ئادالەتسىزلىكنى تۈگىتىشكە چاقىرىش بىلەن بىللە، ھەقسىزلىققە ئۇچرىغۇچىلارنى مەسىلىنى ئىنكاس قىلىشقا جۈرئەت قىلىشقا چاقىرغان ئىدى.
