دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقە يۈز بېرىپ ئەتىسى دائىرىلەرنىڭ قىزىلسۇ ئوبلاستلىق تەنتەربىيە مەركىزىدە تېررورلۇققا قارشى مانېۋېر ئېلىپ بارغانلىقىنى ئەيىبلەپ، بېسىم، قورقۇتۇش ۋە تەھدىت سېلىش ئۇيغۇرلارنىڭ كۈندىلىك ھاياتىنىڭ بىر قىسىمى بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ئىسىم - فامىلىسى ۋە ياش قورامى تىلغا ئېلىنمىغان. لېكىن ھازىرچە، رادىئومىزنىڭ ئاتۇش ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە تېلېفون قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ بۇ ۋەقەگە دائىر قارىشىنى ۋە تۇتقۇن قىلىنغانلارغا دائىر تەپسىلىي ئەھۋاللارنى ئېنىقلاش مۇمكىنچىلىكى بولمىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، تەشۋىقات ۋەرەقىسى تارقىتىش ۋەقەسىدىن كېيىن، دائىرىلەرنىڭ ئاتۇشتىكى يېزا، كەنت، مەھەللە ۋە كوچا - كويلاردا چارلاشنى كۈچەيتىپ، تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەنلەر، ھۆكۈمەتكە قارشى خاھىشى بار دەپ قارالغان دىنىي ۋە سىياسى قارىشى كۈچلۈك ئۇيغۇرلارنى تەقىپ قىلىشنى كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈردى.