ئاجىز مىللەتلەرنى قوغداش قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ئادۋوكات گاۋ جىچېڭ ھازىر شاياردىكى تۈرمىدە
2012.03.28
ئەمما مەھبۇس يوقلىغانلارنىڭ ئېتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇلارغا، بۇ مەھبۇسنىڭ تېخىچە ھايات ئىكەنلىكىدىن باشقا گەپنى سىرتقا ئېيتىشقا بولمايدۇ، دەپ بۇيرۇق چۈشۈرگەن.
رادىئومىز مۇخبىرلىرى شىمالىي شەنشىگە تېلېفون قىلىپ ئالغان مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، گاۋ جىچېڭ 2009-يىلى 2-ئايدا «دۆلەتنى ئاغدۇرماقچى» دېگەن جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنىپ، 2010-يىلى 4-ئايدا قويۇپ بېرىلگەن. ئۇ، خەلقئارا ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۈرمىدە قېيىن-قىستاققا ئېلىنغان ئەھۋالنى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭغا «كۆزدىن يوقىتىش» چارىسىنى قوللانغان. گاۋ جىچېڭنىڭ ئايالى ئېرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئالالمىغاندىن كېيىن، ئامېرىكىغا بېرىپ دۇنياغا دەرد ئېيتقان.
بوشۈن تور گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، يېقىندا خىتاينىڭ مەركىزى قانۇن كومىتېت باشلىقى جۇ يۇڭكاڭ تەسىر كۈچىنى يوقاتقاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۆزلۈكىدىن گاۋ جىچېڭنىڭ تۇغقانلىرىغا، شايارغا بېرىپ مەھبۇس يوقلاشنى ئۇقتۇرغان.