خىتاي خاككېرلىرى رابىيە خانىم ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلغان ئاۋسترالىيە فىلىم فېستىۋالغا ھۇجۇم قىلدى

خىتاي خاككېرلىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم قويۇلغان ئاۋسترالىيىنىڭ ئەڭ چوڭ فىلىم فېستىۋالنىڭ تور بېكىتىگە شەنبە كۈنى ھۇجۇم قىلغان ھەمدە فېستىۋال توربېكىتىدىكى مەزمۇنلارنى ئالماشتۇرۇپ خىتاي بايرىقى رەسىمى ۋە " بىز فىلىمنى ياخشى كۆرىمىز، ئەمما رابىيە قادىرغا ئۆچ" دېگەندەك شوئارلارنى چاپلاشقان.

مىلبورنى خەلقئارا فىلىم فېستىۋالى 24 - ئىيۇل جۈمە كۈنى كەچقۇرۇن ئېچىلغان بولۇپ، مەزكۇر فېستىۋالغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى پائالىيىتى باش تېما قىلىنغان "مۇھەببەتنىڭ ئون شەرىتى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىممۇ قويۇلغان ئىدى.

ئامېرىكا كابېل خەۋەرلەر تورىدا نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، فېستىۋال تەشكىللىگۈچىلىرى ھۇجۇمنىڭ خىتاينىڭ مەزكۇر فېستىۋالغا قارشى ئېلىپ بارغان 3 - قېتىملىق ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

فېستىۋال دىرېكتورى رىچارد مور بۇ ھەقتە توختىلىپ، باشتا خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى فىلىمىنى فېستىۋالدىن چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، ئىككىنچى قەدەمدە، فېستىۋالغا قاتناشتۇرۇلغان خىتاي فىلىملىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ كەتكەنلىكى، ئۈچىنچى قەدەمدە، فېستىۋال تور بېكىتىگە ھۇجۇم قوزغاش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى كۆرسەتكەن ۋە: " ئىشىنىمىزكى بۇ ئەڭ ئاخىرقىسى ئەمەس" دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەت مەزكۇر فېستىۋال تور بېكىتىگە ھۇجۇم قىلغۇچى، خىتاينىڭ شاڭخەي شەھەردىكى بىر كومپيۇتېر مۇتەخەسسىسى بولۇپ، ئۇ ھۇجۇم قىلغانلىقىنى تەن ئالغان.