ئاۋسترالىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ۋۇخەن پولات تۆمۈر شىركىتى ئاۋسترالىيە غەربىي تۈزلەڭلىك كان بايلىقلار شىركىتىنىڭ جەنۇبىي ئاۋسترالىيىدىكى ۋۇمېرا رايونىدا ئاچقان بىر تۆمۈر رۇدا كېنىنىڭ 50% پاي چېكىنى سېتىۋالماقچى بولغان. لېكىن، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ۋۇمېرا ۋادىسىدىكى تۆمۈر رۇدا كېنىغا ئىگە بولۇشىنى توسۇپ، بۇ سودا ئاۋسترالىيىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە چېتىلىدىغانلىقى، چۈنكى تۆمۈر رۇدا كېنى ۋۇمېرا چەكلەنگەن رايونىغا جايلاشقانلىقىنى، بۇ رايوندا ئاۋسترالىيە ئارمىيىسىنىڭ مەخپىي قوراللارنى سىنايدىغان تەجرىبە بازىسى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى جون فوئۇلكنېر، پەيشەنبە كۈنى ئاۋسترالىيە مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ۋۇخەن پولات تۆمۈر شىركىتىنىڭ ھەربىي بازا رايونىدىكى تۆمۈر رۇدا كېنىنىڭ 50 % پاي چېكىنى سېتىۋېلىشىنى رەت قىلىش ھوقۇقى بارلىقىنى ئەسكەرتىپ، تۆمۈر رۇدا كېنى قورال ياراق سىناق قىلىدىغان دائىرىدىكى نازۇك رايون ھېسابلىنىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بۇ ۋەقە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى يېقىندا خىتاينىڭ ئاۋسترالىيە رىئو تېنتو كان شىركىتى مەسئۇللىرىنى قولغا ئېلىش شۇنداقلا ئۇيغۇر رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئاۋسترالىيىنى زىيارەت قىلىشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يىرىكلەشكەن مەزگىلىدە يۈز بەرگەن.