ئاۋستىرالىيە خىتاينى كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاشقا چاقىردى

ئاۋستىرالىيە باش مىنىستىرى كەۋىن رۇد تۈنۈگۈن ئاۋستىرالىيە پارلامېنتىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ "ئىقتىسادى مۆجىزە" يارىتىپلا قالماي كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلىشىنى تەلەپ قىلدى. كەۋىن رۇد، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ شەھەرلىرىدە زور ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاۋستىرالىيىنىڭ نەزىرىدە خىتاينىڭ ئۆزگەرتىشكە تېگىشلىك يەنە نۇرغۇن تەرىپى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ، ئاۋستىرالىيە پارلامېنتىدىكى سۆزىدە 1989 ‏ - يىلى يۈز بەرگەن 4 ‏ - ئىيۇن "تيەنئەنمىن ۋەقەسى" ھەققىدە توختىلىپ، "4 - ئىيۇن ۋەقەسى" نىڭ پۈتۈن دۇنياغا تەسىر قىلغانلىقىنى، جۈملىدىن ئاۋستىرالىيىلىكلەرگە تەسىر قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن. كەۋىن رۇد ئاۋستىرالىيە پارلامېنتىغا مۇنداق دېگەن": خىتاينىڭ ئالدىغا كىشىلىك ھوقۇقنى ئۆزگەرتىشنى ئوتتۇرىغا قويىمىز."

ئۇ ئاۋستىرالىيىنىڭ "4 - ئىيۇن ۋەقەسى" گە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى شەرھىلەپ، ئاۋستىرالىيە ئەينى چاغدا بۇ ۋەقەگە ئۆز قارىشىنى بىلدۈرگەن. بۇ ۋەگە غەزەپلەنگەنلىكىنى، كېيىنكى باستۇرۇشلارنى تەنقىد قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن، دەپ تەكىتلىگەن. كەۋىن رۇد يەنە ئاۋستىرالىيىنىڭ بۇ جەھەتتىكى مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ب ب س نىڭ بۇ ھەقتىكى بىر خەۋىرىدە، ئاۋستىرالىيە ئۆكتىچى پارتىيە رەھبىرى تېرىنبوللنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى يازدى: " 4 ‏- ئىيۇن ۋەقەسى گەرچە خىتايغا ۋەقەگە قاتناشقانلار ئۈمىد قىلغان يېڭى بىر كۈننى ئېلىپ كېلەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئاۋستىرالىيىنى ئويغىتىپ، ئاۋستىرالىيىگە، سىياسى ۋە پۇقرالار ھوقۇقىدىن بەھرىمان بولالمايدىغان بىر جەمئىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ بۇ ھوقۇقتىن بەھرىمان بولۇش ئارزۇسى بارلىقىنى ئۇقتۇردى."