ئانالىزچىلار گىللاردنىڭ قارارى ئاۋسترالىيىنىڭ ئەڭ مۇھىم سودا شېرىكى-خىتاينى مەمنۇن قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. جۇلىيە گىللاردنىڭ ئىشخانىسى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتتا ئەسكەرتىلىپ، «ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرى دالاي لامانىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتى جەريانىدىكى ھەر قانداق سورۇندا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشمايدۇ» دېگەن. لېكىن ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيىنىڭ بىر پارلامېنت ئەزاسى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
باياناتتا يەنە گىللاردنىڭ دالاي لاما بىلەن ئۇچراشمايدىغانلىقىنى ئاقلاپ، «ھۆكۈمەت ئۇنىڭ ئاۋسترالىيىنى دائىم زىيارەت قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ ھازىرقى ئورۇنلاشتۇرۇشىنى مۇۋاپىق دەپ قارايدۇ» دەپ تەكىتلىگەن. بۇرۇن دالاي لاما ئاۋسترالىيىنى زىيارەت قىلسا، ئاۋسترالىيە باش مىنىستىرلىرى غەيرىي رەسمىي يوسۇندا كۆرۈشەتتى.
ئاۋسترالىيىنىڭ كونسېرۋاتىپ باش مىنىستىرى جون خوۋارد ئاخىرقى قېتىم دالاي لاما بىلەن 2007-يىلى كۆرۈشكەن. بىراق ئاۋسترالىيىدە ئىشچىلار پارتىيىسى بىلەن يېشىللار بىرلىشىپ ھاكىمىيەت سوراشقا باشلىغاندىن بۇيان، ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈپ باقمىدى.
ئۇ 2009-يىلى ئاۋسترالىيىنى زىيارەت قىلغاندا ئەينى چاغدىكى باش مىنىستىر كەۋىن رۇد چەتئەلگە زىيارەتكە چىقىشنى باھانە قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمىگەن.
بۇ قېتىم جۇلىيە گىللاردنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشى ئۆكتىچىلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى. ئۇلار جۇلىيە گىللاردنى بىرلەشمە ھۆكۈمەتتىكى يېشىللارنىڭ قورچىقىغا ئايلىنىپ قېلىش بىلەن تەنقىد قىلدى.
