ئۇ يەنە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرىنى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. باش مىنىستىر گىللارد خانىم، خىتاي، كورىيە ۋە ياپونىيىدىن ئىبارەت 3 دۆلەت زىيارىتى ئۈچۈن چارشەنبە كۈنى يولغا چىقىدۇ، سەپىرىنىڭ تۇنجى بېكىتى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى بولىدۇ.
گىللارد خانىم سەيشەنبە كۈنى «سىكاي» خەۋەرلىرى ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە، ئۆتكەن ئايدا خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرىدىن جيا چىڭلىن بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى، بۇ قېتىمقى خىتاي سەپىرىدە خۇ جىنتاۋ ۋە ۋېن جياباۋلار بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقىنى ھەم كۆرۈشۈش داۋامىدا ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوتتۇرا شەرقتە ئىسيان باشلانغاندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن ئاز دېگەندە 54 كىشىنى تۇتقۇن قىلغان، بولۇپمۇ ئەي ۋېيۋېينىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى بىلەن بۇ ۋەزىيەت غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، گىللاردا خانىمنىڭ خىتاي دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبىتىنىڭ مەزمۇن دائىرىسى كەڭ بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 56 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى سودا كېلىشىمى سۆھبەتتىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى.
گىللارد خانىم بۇ قېتىمقى سۆھبەت داۋامىدا ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنىڭ ھەرگىز ئۇنتۇلۇپ قىلىنمايدىغانلىقىنى ھازىرغا قەدەر مۇشۇنىڭ بىلەن بىرقانچە قېتىم تەكىتلىدى.