ئاۋسترالىيە خىتايدىن ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلدى

ئاۋسترالىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باب كار چارشەنبە كۈنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە سۆھبەت ئېلان قىلىپ، ئاۋسترالىيىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىش ھوقۇقى بارلىقى ۋە خىتايدىن ئاۋسترالىيىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ئاۋسترالىيە بىلەن ئامېرىكا ئۆتكەن يىلى كېلىشىم تۈزۈپ، ئامېرىكىنىڭ 2500 كىشىلىك دېڭىز پىيادىلەر قىسمىنى ئاۋسترالىيىنىڭ شىمالىدىكى دارۋىن پورتىغا ئورۇنلاشتۇرۇشقا كېلىشكەن. بىراق بۇ كېلىشىم جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى تالىشىۋاتقان خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغان.

باب كار «ئاۋسترالىيە مالىيە كۆزىتىش» گېزىتىگە ئاۋسترالىيە-ئامېرىكا ئارىسىدىكى كېلىشىمنىڭ خىتايغا قارىتىلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: خىتاي ئاۋسترالىيىنىڭ ئۆز مۇداپىئە سىياسىتىگە ئاساسەن ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى قۇرۇش ھوقۇقى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك، دېگەن.

ئامېرىكا-ئاۋسترالىيە ئارىسىدىكى كېلىشىم بويىچە ئامېرىكا دېڭىز پىيادە قىسىملىرى بۇ يىل 4‏-ئايدىن باشلاپ دارۋىن پورتىغا كېلىپ ئورۇنلىشىشقا باشلىغان. خىتاي ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ بۇ رايونغا ئورۇنلىشىشىنى «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر دەۋرىدىكى پىكىر قىلىش ئۇسۇلى»نىڭ مەھسۇلى، دەپ تەنقىد قىلغان ئىدى. لېكىن باب كار، ئاۋسترالىيە ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تاللاش ئوبيېكتى بولۇپ قالسا، بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

باب كار بۇ سۆزلەرنى قىلغان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ستېفان سىمىس، ئاۋسترالىيە ئالدىنقى سەپتىكى ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئىلغار تىپلىق ئېلېكترونلۇق كاشىلا پەيدا قىلىش ئەسۋابى ئورۇنلاشتۇرۇلىدىغانلىقئىنى ئېلان قىلغان. ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل ئېلېكترونلۇق كاشىلا پەيدا قىلىش ئەسۋابلىرى ش ئا ئو ت نىڭ ئۆتكەن يىلى لىۋىيىدىكى ھاۋا ھەرىكىتىگە قاتناشقان ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كازافىينىڭ ئالاقە ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ئىدى.