بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى ئاۋسترىيە پايتەختى ۋېيانادا ئېلىپ بارغان تۇنجى نارازىلىق نامايىشتۇر. گەرچە مەزكۇر نامايىش بۇنىڭدىن بىر قانچە كۈن بۇرۇن خوتەن ناۋاغدا يۈز بەرگەن خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ قارشىلىق كۆرسەتكۈچى ئۇيغۇرلارغا ئوق چىقىرىپ، 20 دەك ئادەم ئۆلۈش ۋەقەسىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن بۇرۇن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق نامايىشتىن ئاۋۋال قەشقەر « يېڭى بازار» دا ئۇيغۇر قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىنىڭ خىتايلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن ئىدى.
ئالاھازەل 20 نەچچە كىشىلىك نامايىشچى ئامما « ئۇيغۇرلارغا دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق» ، « شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى قىرغىن قىلىش توختىتىلسۇن» دېگەندەك لوزۇنكىلارنى كۆتۈرۈپ، خىتايغا قارشى شوئارلارنى توۋلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى قەشقەر «يېڭى بازار» دا شەنبە ، يەكشەنبە كۈنلىرىدىكى ئىككى قېتىملىق ۋەقەدە ئۇيغۇر قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىدىن 7 كىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 18 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
دۈشەنبە كۈنى ئۇيغۇر قارشىلىق كۆرسىتىش كۈچلىرىدىن يەنە ئىككى ئادەم قەشقەر شەھەر سىرتىدىكى بىر شاللىقتا خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ ھاياتىدىن ئايرىلغان.