خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى خۇ جىنتاۋنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدىكى سۆزىنى خەۋەر قىلمىدى

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ ئامېرىكا زىيارىتى جەريانىدا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە ئائىت قىلغان سۆزى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە تارقىتىلمىغان.

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىملىق ئامېرىكا زىيارىتى بولۇپمۇ بۇ قېتىملىق زىيارەتتە پرېزىدېنت ئوبامانىڭ دىكتاتور بىر رەھبەر بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشىدا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ياكى قويمايدىغانلىقى، شۈبھىسىزكى بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىشنىڭ ئەڭ قىزىق نۇقتىسى بولغان ئىدى.

دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئىككى رەھبەرنىڭ ئۇچرىشىشى ۋە ئاقساراي سىرتىدا ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشلىرىغا كەڭ كۆلەمدە يەر بېرىپ، ئوبامانىڭ خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە قىلغان سۆزىنى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈردى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىمۇ خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ قېتىملىق ئامېرىكا زىيارىتىگە ئالاھىدە يەر بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار ئۆز خەۋەرلىرىدە خىتاينىڭ دۇنيادىكى يۈكسىلىۋاتقان بىر كۈچ ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ دۇنيا سىياسىتى ۋە ئىقتىسادىدىكى ئورنىنىڭ قانچىلىك مۇھىملىقىدەك نۇقتىلارنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تىرىشقان.

خەۋەرلەردە خۇ جىنتاۋنىڭ ئوباما بىلەن كۆرۈشۈۋاتقان ۋاقتى، ئوبامانىڭ خۇغا بەرگەن زىياپىتى ۋە ئىككى تەرەپ ئىمزالىغان كېلىشىملەر داۋاملىق تەكىتلەنگەن. ئەمما خۇ جىنتاۋنى تەرلەتكەن ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرىگە ئائىت قىسمى بولسا كېسىپ تاشلانغان.

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ پرېزىدېنت ئوباما بىلەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋالغاندا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئىقرار قىلىپ: " بىز ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئۇنىۋېرساللىقىنى ئېتىراپ قىلىمىز ۋە ئىشىنىمىز. ئەمما، ھازىر جۇڭگو ئىقتىساد تەرەققىيات باسقۇچىدا نۇرغۇنلىغان خىرىسلارغا دۇچ كەلمەكتە. ئەلۋەتتە جۇڭگودا كىشىلىك ھوقۇقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار بار" دېگەن ئىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ھۆكۈمەت ئاۋازى بولغان س س ت ۋ باشلىق ھەرقايسى ئاخبارات ئورگانلىرى خۇ جىنتاۋنىڭ بۇ سۆزلىرىنى خەۋەرلەردە ئېلان قىلمىغان. ئەمما، خوڭكوڭدىكى بىر قىسىم ئاخبارات ئورۇنلىرى بۇنى خەۋەر قىلغان.