ئايروپىلان بۇلىماقچى بولغانلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالدى

ئۈرۈمچىدە ئېچىلىدىغان ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى مەزگىلىدە، بارلىق ئايرودروملاردا قاتتىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر تارقالغاندىن كېيىن، بۇ ئەھۋال چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭلا دىققىتىنى قوزغاپ قالماي، خىتاي تور بېكەتلىرىدىمۇ بۇ خىل قاتتىق تەكشۈرۈشنىڭ سەۋەبى ھەققىدە ھەر خىل خەۋەرلەر تارقىلىشقا باشلىدى.

خىتاي تىلىدىكى ئەدەبىيات تور بېكىتى، بەيدۇ قاتارلىق تور بېكەتلىرىدە يېقىندا ئۈرۈمچى ھەم قەشقەر ئايرودروملىرىدا، ھاسا ھەم كۈنلۈك ئىچىگە پىچاق يوشۇرۇپ ئېلىپ ماڭغان يولۇچىلارنىڭ بايقالغانلىقى، نەچچە كۈندىن بۇيان ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ جىددىيلىشىپ، ئايرودرومدا بىرنەچچە نەپەر ئۇيغۇرنى «پىچاق بىلەن ئايروپىلاندىكى يولۇچىلارنى ئۆلتۈرۈپ، ئايروپىلاننى بۇلاش ھەم ياۋرو-ئاسىيا يەرمەنكىسى يىغىنى مەزگىلىدە تېررورلۇق پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنغان» دېگەن گۇمان بىلەن قولغا ئالغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقالدى.

ئەمما، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى، ئايرودروملاردا نېمە ئۈچۈن يولۇچىلارغا قارىتا قاتتىق تەكشۈرۈش يولغا قويۇلغانلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئىزاھات بەرمىدى. ئايروپىلان بۇلاشقا ئۇرۇنغان ئۇيغۇرلارنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرمۇ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا دەلىللەنمىدى.