ئايروپىلان ئۇچۇشتىن توختىتىلدى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭ خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر بېرىشىچە، ئافغانىستاندىن ئۈرۈمچىگە قاراپ ئۇچماقچى بولغان بىر ئايروپىلان "بومبا" ئاگاھلاندۇرۇشى بىلەن توختىتىپ قويۇلغان.

شىنخۇئا ئاگېنتلىقى ئايروپلاننىڭ ئافغانىستاننىڭ كەندىھار شەھىرىگە قوندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇ خەۋەر ئىگىلەنگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچى ئايرودرومى خىتاي مەملىكەتلىك ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئايروپلاننىڭ ئۈرۈمچىگە قونۇشىنى چەكلىگەن.

ئەمما، خىتاي تەرەپ ئايروپلاننىڭ نومۇرى، ئۇچۇش ۋاقتى ھەمدە بۇ ئۇچۇرنى قانداق ئىگىلىگەنلىكىگە ئائىت تەپسىلاتنى تېخى ئاشكارىلىمىغان. بۇ ھەقتە رويتېرس، ب ب س ئاگېنتلىقىمۇ خەۋەر تارقاتتى.