باغدادتا چوڭ پارتلاش بولدى

يەكشەنبە كۈنى ئىراق پايتەختى باغداد شەھىرىدە چوڭ پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، كۆپ ساندا ئادەم ئۆلگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى ماشىنىغا قاچىلانغان بومبا باغداد شەھەر مەركىزىدىكى ھۆكۈمەت ۋە ئەدلىيە مىنىستىرلىكىنىڭ بىناسىدا يېنىدا پارتلىغان بولۇپ، 136 ئادەم ئۆلگەن ۋە 500 دىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان.

بىراق، ساقچىلار ۋەيران بولغان بىنا ئارىسىدىن جەسەتلەرنى ۋە يارىدارلارنى تارتىپ چىقىرىشنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ بۇنىڭدىن كۆپ بولۇشى پەرەز قىلىنماقتا. ئەمما، ھازىرغا قەدەر بۇ ۋەقەنى كىملەرنىڭ سادىر قىلغانلىقى مەلۇم ئەمەس. بۇ پارتلاش ئەتىگەن سائەت 10 لاردا، يەنى ئىشقا چىقىش ۋاقىتلىرىدا يۈز بەرگەن ئىكەن.

باغداد شەھەر مەركىزىدە يۈز بەرگەن مەزكۇر پارتلاش يېقىنقى ۋاقىتلار ئىچىدىكى ئۆلگەن ئادەم سانى ئەڭ كۆپ، ئەڭ ئېغىر ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. ئەمما، ھازىرغىچە، ھېچ قانداق بىر تەشكىلات بۇ ۋەقەنى زىممىسىگە ئالمىغان.