خىتايدا بالىلارنى سېتىش قىلمىشىنىڭ ئېغىرلىشىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى

خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىنىڭ 25 - دېكابىر سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يېقىندا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ خىتايدىكى يۈننەن، گۇاڭدۇڭ، سىچۈەن، ئەنخۇي، فۇجيەن قاتارلىق 9 ئۆلكىدە ئېلىپ بارغان ئادەم بېدىكلىرىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە، ئادەم بېدىكلىرىدىن 355 نەپەرنى قولغا ئالغانلىقى ئاشكارىلانغان.


خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 9 - ئايدىن 11 - ئايغا قەدەر داۋاملاشقان ئادەم بېدىكلىرىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە سېتىۋېتىش ئۈچۈن ئېلىپ مېڭىلغان 89 نەپەر بالا قۇتقۇزۇۋېلىنغان. ئەمما ئىز - دېرەكسىز يۈتۈپ كەتكەن كۆپ ساندىكى بالىلارنىڭ دېرىكى يەنىلا ئېلىنمىغان.

خىتاي ھۆكۈمەت ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا 2009 - يىلدىن باشلاپ ئادەم بېدىكلىرىگە زەربە بېرىش ھەرىكىتى كۈچەيتىلگەن بولسىمۇ، ئەمما سېلىنما ئاز، پايدىسى كۆپ دەپ قارالغان بۇ خىل سودا بارغانچە ئەۋج ئالغان. ئادەم بېدىكلىرى تەرىپىدىن سېتىۋېتىلگەن بالىلارنىڭ زور كۆپ قىسمى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار بولۇپ، ئادەم بېدىكلىرى تەرىپىدىن 30 مىڭ سوم پۇلغا سېتىۋېلىنغان ساغلام ئوغۇل بوۋاق، پەرزەنتسىز ئەر - خوتۇنلارغا بېقىۋېلىش ئۈچۈن 90 مىڭ سوملۇق يۇقىرى باھادا سېتىپ بېرىلىدىكەن. ئەمما يېڭى تۇغۇلغان بۇ بوۋاقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئادەم بېدىكلىرى ئارىسىدا قولدىن - قولغا ئۆتۈش جەريانىدا بېقىمسىز قېلىپ ئۆلۈپ كېتىدىكەن.