بان كىمۇن يېقىندا خىتاينى زىيارەت قىلىپ، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. لېكىن، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بان كىمۇننىڭ سۆھبەتتە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغانلىقىنى، خىتاي دائىرىلىرىدىن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبونى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلمىغانلىقىنى شىددەتلىك تەنقىد قىلغان.
لېكىن، بان كىمۇن جۈمە كۈنكى ئىپادىسىدە ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: "خىتاينىڭ سىياسى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش ۋە قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىدىكى ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى قوغلىشىۋاتقانلىقى بىلەن بىرگە، مەن يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ كۆپىيىشىگە سورۇن ھازىرلاپ بېرىشىنى، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى ئىجرا قىلىش جەھەتتىكى مەجبۇرىيىتىنى نامايەن قىلىشىنى ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن."
بان كىمۇن ئۆزىنىڭ يېقىندا ئېلىپ بارغان ئاسىيا ئەللىرى زىيارىتىدە، جۈملىدىن خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، "مەن خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۆز - ئارا سۆھبەتلەردە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم" دەپ كۆرسەتتى. لېكىن بان كىمۇن ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى مەخپىي ئوتتۇرىغا قويغانلىقىدىن بىشارەت بېرىپ، "بەزىدە دېموكراتىك ئۇسۇللارنىڭ يېپىق ئېلىپ بېرىلىشى لازىملىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز،" دەيدۇ.