ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمۇن تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ نورۇزنى خاتىرىلەيدىغان مىللەتلەرنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى.

ئۇ تەبرىكنامىسىدە «نورۇز بايرىمىنى خاتىرىلەش ئەنئەنىسىدە ، ھەرخىل مىللەتلەرنىڭ تىنچلىق ۋە باراۋەرلىك شەرتى ئاستىدا بىر-بىرىنى ئۆز-ئارا ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۆز-ئارا يول قويۇپ بىرلىكتە ياشىشى لازىملىقى ھەققىدە كۈچلۈك بىر چاقىرىق بار» دېدى.

بۇ چاقىرىقنىڭ ئۇنىۋېرسال بىر قىممەت قاراش بايلىقى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن بان كېمۇن «بۇ، ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭسىزلىقلار، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ۋە قوراللىق توقۇنۇشلار داۋام قىلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك بىر كۈندە تېخىمۇ قىممەتلىك ئەھمىيەتكە ئىگە» دەپ كۆرسەتتى.

مەلۇم بولۇشىچە نورۇز بايرىمى ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە ئوتتۇرا شەرق، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە بالقان دۆلەتلىرى قاتارلىق جايلاردىكى جەمئىي 300مىليونلۇق نوپۇسقا ئىگە مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمىدۇر. بۇلتۇر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارار ماقۇللاپ، 21 ‏-مارت كۈنىنى خەلقئارا نورۇز بايرىمىنى خاتىرىلەش كۈنى قىلىپ بېكىتكەن.