ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما ئاسىيا باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدا جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار تالاش-تارتىشىنى تىنچ ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما 20-نويابىر كۈنى كامبودژادا ئېچىلىۋاتقان ئاسىيا دۆلەتلىرى باشلىقلىرى ئۇچرىشىشىدا سۆز قىلىپ، رايوندىكى دۆلەتلەرنى جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار تالاش-تارتىشىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشقا چاقىردى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما يىغىن مەزگىلىدە ياپونىيە باش ۋەزىرى يوشىخىكو نودا ۋە خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋلار بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچراشقان. ئوباما بۇ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچراشقىنىدا ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچ ۋەزىيىتىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئوباما ياپونىيە باش ۋەزىرى بىلەن كۆرۈشكىنىدە خىتاي بىلەن ياپونىيە ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشقا سەۋەب بولۇۋاتقان سىنكاكو ئاراللىرى مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى تەكىتلەپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە چاقىرغان. ئوباما 20-نويابىر كۈنى ئامېرىكىغا قايتىش سەپىرىدىن ئىلگىرى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جاباۋ بىلەن كۆرۈشكەندە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلەش بىلەن بىللە، خىتاينى جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار مەسىلىسىنى رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا چاقىرغان.