گەررىي لۇ پەيشەنبە كۈنى كېڭەش پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدا گۇۋاھلىقتىن ئۆتۈپ، ئۆزىنىڭ باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىنى باشلىغاندىن كېيىن، خىتاي بىلەن كەڭ كۆلەملىك ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشقا تىرىشىدىغانلىقى شۇنداقلا يەنە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بىلەن ئاكتىپ مەشغۇل بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ يەنە، خىتاي بىلەن ئۇنىڭ ئۆكتىچى زاتلارنى باستۇرۇش مەسىلىسىدە «جىددىي پىكىر ئىختىلاپى» بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. گەررىي لۇ، ئەركىنلىك ۋە پۇقرالار ھوقۇقىنى قوغداش ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ تۈپ پرىنسىپى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئەگەر باش ئەلچىلىك ۋەزىپىسىگە ئولتۇرسا خىتايدىن ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنى «ئېنىق ۋە قەتئىي» تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ يەنە كېڭەش پالاتا ئەزالىرىغا ۋەقە بېرىپ، ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن، ئۆكتىچى زاتلارغا مۇناسىۋەتلىك بەزى دېلولارنى يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئالدىغا قويىدىغانلىقى، «سەنئەتچى ئەي ۋېيۋېينىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى، خىتاينىڭ قانۇن بىلەن ئىش بېجىرىدىغان جەمئىيەت بەرپا قىلىش مەسئۇلىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارغانلىقى» نى ئەسكەرتتى.
گەررىي لۇ بۇرۇن ۋاشىنگتون شتاتىنىڭ شتات باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن بولۇپ، ھازىر ئۇ ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئىدى. ئەگەر كېڭەش پالاتاسى ئۇنىڭ باش ئەلچىلىككە قويۇلۇشىنى ماقۇللىسا، ئۇ ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق تۇنجى خىتاي ئىرقىدىن بولغان باش ئەلچىسى بولۇپ قالىدۇ.