خوڭكوڭدا چىقىدىغان جەنۇبىي جۇڭگو سەھەر گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دېھقان جۇ رۇڭچاڭ سوتتا خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكىنىڭ يوقلۇقىنى بايان قىلىپ، ئۆزىنىڭ دىكتاتورىلىق تۈزۈم ئاستىدىكى خىتاي دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرگەنلىكىدىن ھەرگىزمۇ پۇشايمان قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
جۇ رۇڭچاڭ 1997-يىلى خوڭكوڭ خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەندىن كېيىن، خوڭكوڭدا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرگەن 3-كىشى بولۇپ، 1998-يىلى ئىككى نەپەر خوڭكوڭلۇق نامايىشچى خىتاي دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرگىنى ئۈچۈن، ئەينى چاغدا خوڭكوڭ سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن بىر يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.