ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى

ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇن خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەندە ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى تىلغا ئالمىغانلىقى ۋە نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ليۇ شاۋبونىڭ قويۇۋېتىلىشىنى تەلەپ قىلمىغانلىقى ئۈچۈن، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ دىرېكتورى، ب د ت نىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى بويىچە مەسلىھەتچىسى Philippe Bolopion بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، بان كىمۇننى ئاساسلىق بىر ۋەزىپىسىنى ئادا قىلمىدى دەپ ئەيىبلىدى.

ب د ت مەركىزى ئورگىنىدىكى باياناتچىلاردىن مارتىن نەسىركي بۇ ھەقتە ئىزاھات بېرىپ، بان كىمۇننىڭ خۇ جىنتاۋ بىلەن سۆھبەتتە كۈنتەرتىپىدىكى مەسىلىلەر كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بان كېموننىڭ ۋەزىپە مۇددىتى كېلەر يىلى دېكابىردا ئاخىرلىشىدۇ، مەلۇم بولۇشىچە، بان كىمۇن كېلەر يىلى قايتا سايلىنىش نىيىتىدە. فىلىپ بولوپىيون كېلەر يىلقى سايلامدا خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، بان كېموننىڭ بۇ قېتىم ئىنسان ھەقلىرى تېمىسىنى تىلغا ئالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، ب د ت باش كاتىپىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىلىرىدىن بىرى ئىنسان ھەقلىرىنىڭ ئاۋازى بولۇش دەپ ئەسكەرتكەندىن كېيىن، ب د ت باش كاتىپى بولغان كىشىنىڭ جاسارەتلىك ۋە ئوچۇق سۆزلۈك بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە سۆزىدە بان كېمۇننىڭ بېرمىلىق نوبىل ساھىبى ئان ساڭسۇكىنى قويۇۋېتىشنى بېرما ھۆكۈمىتىدىن ئىزچىل تەلەپ قىلىشى بىلەن، ئوخشاش نوبىل ساھىبى ليۇ شاۋبونىڭ قويۇۋېتىلىشى ھەققىدە ئېغىز ئاچماسلىقى ئارىسىدىكى تۇتامسىزلىقنىمۇ تەنقىدلەپ ئۆتتى.