ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئورگىنى ترىپولى دائىرىلىرىنى دەرھال ئۇرۇش توختىتىشقا چاقىردى

ئەنگلىيىدە چىقىدىغان «تېلېگراف گېزىتى» بۈگۈن، كازافىي قىسىملىرى ھۇجۇم قىلغاندا مىسراتانىڭ شراپنىل مەھەللىسىدە زەخىملەنگەن بوۋاقلارنىڭ فوتو سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلدى ۋە ب د ت ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم ئورگىنىنىڭ باشلىقى بارونېس ئامۇس خانىمنىڭ، ترىپولى دائىرىلىرىگە بەرگەن ئاگاھلاندۇرۇشنى باستى.

بۇ ئاگاھلاندۇرۇشتا، ترىپولى دائىرىلىرى مىسراتادىكى ئۇرۇشنى دەرھال توختىتىشى كېرەك دەپ كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئەمما مۇئاممېر كازافىي ب د ت نىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلىماي، بەلكى مۇھاسىرىگە ئېلىۋالغان مىسراتا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى يەنىلا داۋاملاشتۇرماقتا.

بۈگۈن كازافىي قىسىملىرىنىڭ مىسراتا، ئاجدابىيە شەھەرلىرىگە قارىتىپ ئاتقان زەمبىرەك، راكېتالىرى 47 نەپەر بىگۇناھ ئادەمنى يارىلاندۇردى. كازافىينىڭ مەرگەنلىرى يەنە 17 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن يەرلىك خەلق يۇرتلىرىنى تاشلاپ سىرتقا قېچىشقا باشلىدى.