ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ئىرانغا جازا قوللىنىش قارار قىلىندى

مەركىزى ئاگېنتلىقىنىڭ ب د ت نىڭ نيۇيوركتىكى باش شىتابىدىن خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ئىرانغا جازا قوللىنىش ھەققىدە تۆتىنچى قېتىملىق قارار ماقۇللاندى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.06.09

ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىگە ئەزا 15 دۆلەتنىڭ 12 سى ئىرانغا جازا قوللىنىشنى قوللاپ ئاۋاز بەردى. لىۋان ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى، تۈركىيە بىلەن برازىلىيە ئىراننى جازالاشقا قارشى ئاۋاز بەردى.
 
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، بۈگۈن ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە ئىرانغا جازا قوللىنىش ھەققىدە ئېلىنغان قارار ئىراننىڭ يادرو قوراللىرى ياساش پىلانىغا قارىتىلغان.

بۇ قارار بۇيىچە بولغاندا، دۇنيانىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى قارارلارغا ئاساسەن، ئىرانغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان قورال ئىمبارگوسى كېڭەيتىلىدۇ، ئىران بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇئامىلىلىرى ئازايتىلىدۇ.

 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.