ب د ت كامبودژانى ئەيىبلەپ بايانات ئېلان قىلدى

كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى دۇنيادىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

بۈگۈن ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، كامبودژا ھۆكۈمىتىنى خەلقارا كېلىشىملەردە بەرگەن ۋەدىسىگە نومۇسسىزلارچە خىلاپلىق قىلدى" دەپ ئەيىبلىدى.

باياناتتا، "خىتاي 5 ‏- ئىيۇل دېلولىرىنى ئادالەتسىز بىر تەرەپ قىلىۋاتقان، مەھكۇملارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىۋاتقان بىر پەيتتە ئۇيغۇر مۇھاجىرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى، ئۇلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى ئېغىر تەھدىت ئاستىغا ئىتتەردى" دەپ كۆرسىتىلدى.

باياناتتىن مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىتېتىنىڭ مۇتەخەسسىسى مانفرەد نوۋاك ۋەقە يۈز بېرىشتىن ئاۋۋال، كامبودژا ھۆكۈمىتىگە خەلقارا كېلىمشىملەردىكى مەجبۇرىيىتىنى ئۇنتۇماسلىققا چاقىرغان.

باياناتتا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغا ئىنسانىي مۇئامىلە قىلىشقا، ئەگەر ئۇلار جاۋابكار دەپ بېكىتىلسە، سوت جەريانىنى خەلقارا ئۆلچەملەر بويىچە ئېلىپ بېرىشقا چاقىرىلغان.

بۈگۈن يەنە، ب د ت نىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى بويىچە مۇتەخەسسىسى، مس. گاي مكدوئۇگالل مۇ بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى مىللىي ۋەزىيەتنى كۆزىتىش ئۈچۈن مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ پائالىيىتىگە ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يول قويۇشقا چاقىرغان.