يىغىن باشلىنىشنىڭ ئالدىدا، ب د ت 66-نۆۋەتلىك ئومۇمى كېڭىشىنىڭ باشلىقى ناسىر ئابدۇلئەزىز مەزكۇر دوكلاتنى ئاڭلاپ چىقىش ئۈچۈن، ئومۇمىي كېڭەش ئەزالىرىدىن رۇخسەت تەلەپ قىلدى.
تۈركىيىنىڭ ئاناتولىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۈرىيە ۋەكىلى، 66-نۆۋەتلىك ئومۇمى كېڭەش ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتىنىڭ 67-نۆۋەتلىك ئومۇمى كېڭەشتە مۇزاكىرە قىلىنىشى كېرەكلىكىنى، بۇنداق بولمىغاندا، ب د ت قائىدە-پرىنسىپلىرىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئومۇمىي كېڭەشتە ئىران بىلەن شىمالىي كورىيە سۈرىيىنىڭ بۇ پىكرىنى قوللىغان.
كېڭەش باشلىقى ناسىر ئابدۇلئەزىز نارازىلىق پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن، ئومۇمىي كېڭەشتىكى كۆپ سانلىقنىڭ تەستىقى بويىچە، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى ئالىي كومىسسىيونىنىڭ باشلىقى نەۋىي پلاينى سۆزگە تەكلىپ قىلغان.
نەۋىي پلاي، سۈرىيىدىكى ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنى تەپسىلىي تونۇشتۇرغاندىن كېيىن، سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنسانلىققا قارشى جىنايەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى بايان قىلغان ۋە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ جىنايى قىلمىشىنىڭ جازاسىز قالماسلىق كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
تۈنۈگۈن قاھىرەگە توپلانغان ئەرەب دۆلەتلىرى بىرلەشمىسىمۇ، ب د ت نى سۈرىيىگە تىنچلىق قىسىملىرى ئەۋەتىشكە چاقىرغان.