ب د ت، خىتاينى ئۈرۈمچى ۋە لاسا ۋەقەسىنىڭ سەۋەبلىرىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىردى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ 12 - نۆۋەتلىك يىغىنى تۈنۈگۈن جەنۋەدە ئېچىلدى. 14 - سېنتەبىردىن 2 ‏ - ئۆكتەبىرگە قەدەر داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىندا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ ئالىي كومىسارى Navy Pillay خانىم سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۈرۈمچى ۋە لاسا ۋەقەلىرىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىرغان.

Navy Pillay خانىم سۆزىدە، ئۈزىنىڭ يېىقىندا شىنجاڭ ۋە شىزاڭدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە يېقىندىن كۆڭۆل بۆلۈۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئۇ بۇ نۇقتىدا زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەش بىلەن بىللە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىنسان ھەقلىرىنى ھۆرمەت قىلىشقا، ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبلىرىنى، جۈملىدىن رايوندىكى كەمسىتىش سىياسىتى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ھوقۇقىنىڭ دەخلى - تەرۈزگە ئۇچراش ئەھۋالىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىرغان.

Navy Pillay خانىم ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ غايىسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ، "دۇنيادا كەمسىتىش بولمىغان جەمئىيەت بەرپا قىلىش ۋە بارلىق كىشىلەرگە باراۋەرلىك ئېلىپ كېلىش بىزنىڭ غايىمىز. ھېچقانداق بىر دۆلەت مانا بۇ جەھەتتىكى مەسئۇلىيەتتىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ " دەپ كۆرسەتكەن.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، Navy Pillay خانىمنىڭ بۇ سۆزلىرى تۈنۈگۈن جەنۋەدە جىددىي تالاش - تارتىشلارغا سەۋەب بولغان ۋە Navy Pillayنىڭ سۆزلىرى بىر كۈن كېچىكتۈرۈپ ئېلان قىلىنغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىئومىزغا بايانات بېرىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى سۆزلىرىنى ئالقىشلىدى ۋە ب د ت نى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىنى ئوڭشاش ئۈچۈن ئەمەلي تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى.