بۇ ھەقتىكى پىكىرلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ ئوتتۇرا ئائىسيا زىيارىتىنى بىر نەچچە كۈن بۇرۇن ئوتتۇرىغا چىقتى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ئۆزبېكىستان ھەققىدە 2005 - يىلدىكى ئەنجان ۋەقەسىدىن كېيىنكى تۇنجى دوكلاتى ئىكەن.
2005 - يىلى 13 - ماي ئۆزبېكىستان ھەربىي دائىرىلىرى ئەنجان نامايىشچىلىرىغا ئوق چىقارغان ئىدى. بەزى كىشىلەر بۇ نۆۋەتلىك قىرغىنچىلىقتا يۈزلىگەن نامايىشچىلارنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن.
ئۆتكەن ئۈچ ھەپتە جەريانىدا ئۆزبېكىستان قاتارلىق 4 ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قاراپ چىقىلغان. باھالىغۇچىلارنىڭ قارىشىچە، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى تەييارلىغان دوكلاتتا ئەنجان ۋەقەسى ئۈستىدە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغانلىقىغا ئائىت ماتېرىياللارنىڭ كەم ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئۆزبېك دائىرىلىرى ئەنجان ۋەقەسىدە ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ نامايىشچىلارغا ئوق چىقىرىشىغا ئائىت تەلەپ قىلغان سانلىق مەلۇماتلارنى تەمىنلىمىگەن بولۇپ، 18 كىشىلىك مەزكۇر كومىتېت ئۆزبېكىستاننىڭ بۇ قىلمىشىدىن ئەپسۇسلانغانلىقنى بىلدۈرگەن.
دوكلاتتا يەنە ئۆزبېكىستان دائىرىلىرىنىڭ مۇخبىر ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلارغا پاراكەندىچىلىك سالىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.