ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈشىچە، يىغىندا فرانسىيە، ئەرەب دۆلەتلىرى، لاتىن ئامېرىكا ۋە ئاسىيا دۆلەتلىرى بولۇپ جەمئىي 107 دۆلەت پەلەستىننىڭ ئەزالىقىنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن؛ ئامېرىكا، ئىسرائىلىيە، گېرمانىيە، كانادا قاتارلىق 14 دۆلەت رەت ئاۋاز بەرگەن.
ئەنگلىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق 52 دۆلەت ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچكەن. قائىدە بويىچە، رەسمىي ئەزالىققا قوبۇل قىلىنىش ئۈچۈن، ب د ت دىكى 193 ئەزانىڭ 3/2قىسمى قوشۇلۇشى كېرەك.
نەتىجىدە پەلەستىن قانۇنىي جەھەتتىن رەسمىي ئەزالىققا قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، بۇنىڭ ب د ت نىڭ مەزكۇر كومىتېتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. چۈنكى، نۆۋەتتە مەزكۇر كومىتېتنىڭ يىللىق خىراجىتىنىڭ 22%ni ئامېرىكا ئۈستىگە ئالغان. ئامېرىكىنىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرىدا، پەلەستىننى مۇستەقىل دۆلەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلغان بىر ئورگانغا دۆلەت خەزىنىسىدىن پۇل ئاجراتماسلىق بېكىتىلگەن.