ب د ت دا قوراللارنى كونترول قىلىش ھەققىدە يېڭى ئەھدىنامە قاراردىن ئۆتتى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، تۈنۈگۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ چوڭ يىغىنىدا ئاۋاز تاشلىغاندىن كېيىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قوراللارنى كونترول قىلىش ۋە قورالسىزلاندۇرۇش كومىتېتىغا، دۇنيادا ھەركۈنى مىڭلىغان ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن قانۇنسىز قورال يۆتكەشنى چەكلەش ھەققىدە يېڭى ئەھدىنامە تۈزۈپ ۋە ئۇنى قانۇنلاشتۇرۇشنى باشلاشقا ئىجازەت بېرىلدى.

ئەنگىلىيە ئەلچىسى جوھن دۇنكەن بۇ يىغىندا، 19 دۆلەت ۋەكىلى قاتناشمىغان ھالدا 1 گە قارشى 153 ئاۋاز بىلەن تەستىقلانغان بۇ قارارنى ئالقىشلىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قارارنى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە قاتارلىق ئاساسلىق قورال تىجارىتى بار دۆلەتلەر قوللىدى. پەقەت زىمبابۇۋىدىن ئىبارەت بىرلا دۆلەت بۇ قارارغا قارشى تۇردى، خىتاي، ھىندىستان، پاكىستان، رۇسىيە، ۋېنېزۇئىلا يىغىنغا قاتناشمىدى.